پاكىستاندا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.08.31

پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىپنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا ئاخىرى 30-ئاۋغۇست كۈنى سەھەردە توقۇنۇش كېلىپ چىقتى.

نامايىشچىلار ئىسلامابادىكى ناۋاز شەرىپنىڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىگە باستۇرۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغاندا ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشچلارنى تارقىتىۋېتىشكە تىرىشىش جەريانىدا توقۇنۇشلار ئەۋجىگە چىقىپ ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئۆلۈپ. 300 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

ئىسلاماباد ساقچى دائىرىلىرى 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆلگەن كىشى نامايىشچى بولۇپ ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ئۆلگەن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، شەنبە كۈنىدىكى ئۆكتىچىلەر نامايىش ئەھۋالى ۋە توقۇنۇش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلغان مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېلان قىلىندى. ھەتتا يەكشەنبە كۈنى پاكىستاندىكى بەزى تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى ساقچىلارنىڭ ئۇرۇشىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭ بىلەن پاكىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەتبۇئاتلار مۇخبىرلارنى ئۇرۇش ئەھۋالىنى ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.