ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غايەت زور سوممىلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ۋە خىتاي پاكىستان مۇناسىۋىتى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.02.08

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يول قۇرۇلۇشىغا 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، بۇنىڭ «رايون مىقياسىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىدا ئېلىنغان بىر چوڭ قەدەم» ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 170 مىليارد سوملۇق (تەخمىنەن 24.8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) بۇ مەبلەغنىڭ ئاجرىتىلىشى ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە نارازىلىق ئامىللىرىنى تۈگىتىش يولىدا قىلغان تىرىشچانلىقى ھېسابلىنىدىكەن.

ھالبۇكى، پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە چىقىدىغان «بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يول قۇرۇلۇشىغا 24 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجراتقانلىقى، مەزكۇر رايوننىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش يولىدىكى زور تىرىشچانلىق ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. «شىنجاڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى» نىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، «تاشيول بولمىسا شىنجاڭنىڭ نېفىت، كۆمۈر ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاشقىرىدىكى جايلارغا ئوڭۇشلۇق يۆتكىگىلى بولمايدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن پاكىستان رادىكال ئىسلام ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە ئۇزۇندىن بۇيان ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسى ئىزچىل قويۇق بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە داۋام قىلىۋاتقان قەشقەردىن پاكىستاندىكى گۋادار پورتىغا سوزۇلغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇ ئاساسەن تاشيول ۋە تۆمۈر قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.