خىتاي بىلەن پاكىستان يەنە ئېغىز-بۇرۇن يالاشقان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-08-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ يادرو دۆلىتى - ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالماقتا.

بۇ دەل ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا تالاش-تارتىشى بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ھىندىستان تەرەپ مۇستەقىللىقنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسىدە ھەيۋەتلىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزگەن.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈندىن بۇيان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا جىددىيچىلىكى بۇتان ئەتراپىدىكى دۇكخام رايونى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە كەشمىرنىڭ لاداق رايونىغا قەدەر كېڭەيگەن.

جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 1962-يىلىدىكى چېگرا ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى كۈچەيمەكتىكەن.

ھالبۇكى، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا جىددىيچىلىكى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئېغىز-بۇرۇن يالىشىش مۇناسىۋىتى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.

بۈگۈن خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ پاكىستاننىڭ «ئالاھىدە مېھمىنى» سۈپىتىدە ئىسلامئابادقا يېتىپ بېرىپ، پاكىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

ۋاڭ ياڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو بىلەن پاكىستان تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىللىرىدە ھەمىشە بىرگە تۇرۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى ۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ باردى. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز پولاتتىنمۇ مۇستەھكەم، ھەسەلدىنمۇ تاتلىقتۇر.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت