پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى قوغدىشى بارغانسېرى قېيىنغا توختىماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-08-28
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

رويتىرىسنىڭ بۈگۈنكى بىر تەپسىلىي خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى قوغدىشى بارغانسېرى قېيىنغا توختىماقتا. بۇنداق بولۇشىغا شەرقى تۈركىستان قوراللىقلىرىنىڭ رايوندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسى، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ھۇجۇمى قاتارلىقلاردىن باشقا، پاكىستانغا كېلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى ۋە تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشمۇ سەۋەب بولغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىلگىرى پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسى ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىدىكى ئىشچى ۋە ئىنژېنېرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنى مۇقىم بولغاچقا قوغداش ئاسان بولغان.

نۆۋەتتە كېلىۋاتقانلار بولسا، خىتاي -پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى پىلانىنىڭ ئىككىنچى قەدىمى بويىچە، سودا-سانائەت ۋە مۇلازىمەت ساھەسىدىكى كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلارنى قوغداش پاكىستان ساقچىلىرىغا بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

رويتىرىسقا پىكىر بايان قىلغان بىر ساقچى باشلىقى «ئۇلارنىڭ قايسى ئايروپىلاندىن چۈشىدىغانلىقىنى ۋە نەگە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز» دەپ قاقشىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئايرودروملاردا مەخسۇس خىتاي سودىگەرلەرنىڭ ئورنىنى تىزىملايدىغان ئورونلار قۇرۇلغان، ئەمما بەزى تىجارەتچىلەر خالىيلىقنى خالىغاچقا، بۇنداق ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈشلەرنى خالاپ كەتمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاننىڭ بەزى ۋىلايەتلىرىدە مەخسۇس چەتئەللىكنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەت گۇرۇپپىلىرى تەسىس قىلىنغان.

يەنە خەۋەردە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە پاكىستاننىڭ ئايرودروملىرىدا خىتايچە ئېلان ۋاراقچىلىرى تارقىتىلىشقا، بازارلاردا خىتايچە ۋىۋىسكا ئېسىلغان دۇكانلار كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇ ۋەزىيەت بالۇچىستان مۇستەقىلچىلىرى قاتارلىق ھۇجۇمدا نازۇك نۇقتىلارنى ئىزدەۋاتقان قوراللىقلار ئۈچۈن پۇرسەت ۋە ئاسانلىق ياراتقان ھەمدە پاكىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت