«ئالتۇن خىش دۆلەتلىرى» نىڭ پاكىستاننى ئەيىبلىشى پاكىستاننى پەرىشان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-09-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئارقا تىرەك» قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ياكى تاشقى دۇنيانىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرماقچى بولۇپ كېلىۋاتقان پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شيامېن شەھىرىدە چاقىرىلغان BRICS، «ئالتۇن خىش دۆلەتلىرى» رەھبەرلىرىنىڭ يىغىن خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىردىنلا پەرىشانلىققا چۈشۈپ قالغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 5-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى دۈشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىش توغرىلىق بىر پىكىرگە كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پاكىستان تەۋەسىدىكى بىرنەچچە چوڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، بولۇپمۇ ھىندىستانغا قارشى مەۋقەدىكى تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ ئىسمى جاكارلىنىپ، ئۇلارنىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. بۇ ئەھۋال ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالدىنقى ئايدا بىر قىسىم تېررورچى گۇرۇھلار «پاكىستاننى ئۆزلىرىنىڭ جەننىتى» قىلىۋالغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرى بىلەن بىر يەردىن چىققان.

پاكىستان تەرەپ بۇنىڭغا جىددىي ئېتىراز بىلدۈرۈپ، «پاكىستان ھېچقانداق تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ جەننىتى بولغىنى يوق» دېگەن ۋە «ئالتۇن خىش دۆلەتلىرى» رەھبەرلىرىنىڭ بۇ خىتابنامىسىدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى بولسا بۇنىڭ پاكىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە «خىتاينىڭ پاكىستانغا ساتقۇنلۇق قىلىشى» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. بولۇپمۇ ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشى قىزىق نۇقتا بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان بىلەن بىرلىشىپ، مۇشۇنداق بىر خىتابنامىگە قول قويۇشى پاكىستان ئۈچۈن بىر زەربە بولغانلىقى ئالغا سۈرۈلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت