خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە پاكىستاننى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-08
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي جۈمە كۈنى تېررورلۇققا مەسىلىسىدە پاكىستاننى ئاقلاپ، ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا زور بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پاكىستاننىڭ تېررورلۇق گۇرۇھلارنى ماكان بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارقىدىنلا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ شيامېندا ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنىدا پاكىستاندىكى «لەشكەرى تائىبە»، «جائىشى مۇھەممەد» قاتارلىق قوراللىق گۇرۇھلار تېررورلۇق تەشكىلات، دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يۇقىرىقى ھادىسىلەردىن كېيىن خىتاينىڭ جۈمە كۈنى پاكىستاننى تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئاقلىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا زور بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خەلقئارا جامائەت بۇنى ئېتىراپ قىلىشى.... ھەم پاكىستاننىڭ تىرىشچانلىقىنى تونۇشى كېرەك» دېگەن.

بىراق ئامېرىكا، ھىندىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەر پاكىستاننى قوراللىق تېررورلۇق گۇرۇھلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش، ئۇلارغا يۇمشاق قوللۇق قىلىش، ئۇلارنى ماكان بىلەن تەمىنلەش ياكى ۋاسىتىلىك ئىشقا سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئارقىسىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رېكىس تىللېرسون پاكىستاننى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق شتاتىدىن ئايرىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان ھەربىي ياردىمىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي «شەرقىي تۈركىستان  ئىسلام ھەرىكىتى»  قاتارلىق گۇرۇھلارنى «تېررورلۇق تەشكىلات»، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ پاكىستاندىكى «تالىبان»، «لەشكەرى تائىبە» قاتارلىق قوراللىق گۇرۇھلارغا كۆز يۇمۇپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يۇقىرىقى سۆزلەرنى جۈمە كۈنى پاكىستان تاشقى مىنىستىرى كاۋاجا مۇھەممەد ئاسىف بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان.

كاۋاجا مۇھەممەد ئاسىف پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ناسىر خان جانجۇا بىلەن جۈمە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت