پاكىستان يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

پاكىستان بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى تورى بۈگۈن ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يېشىل دىن» ۋە «تىنچلىقپەرۋەر دىن» دەيدىغان سۆزلەرنى ئىزدەش ماتورىدىن چەكلەش ئارقىلىق تور بەتلەردە خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شيوڭ كۈنشىن بۇ سۆزلەرنىڭ چەكلىنىشىنى ئاقلاپ مۇنداق دېگەن: «مەنچە، تور بەتلەردە مۇسۇلمانغا قىلىنىۋاتقان ئۆچمەنلىكنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسلامنى ھاقارەتلەيدىغان ياكى ئۇنىڭغا بىر تەرەپلىمە قارايدىغان رادىكال ئاتالغۇلارنى چەكلەپ تۇرۇش زۆرۈر. بۇ ئاتالغۇلار دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدۇ.»

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئۆچمەنلىكنى ئۆزى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ھەدەپ تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى «تېررورچى» قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى يېقىندا شاڭخەي شەھەرلىك «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك ئىشخانىسى» تەرىپىدىن چىقىرىلىپ، ھەرقايسى كوچىلارغا ئېسىلغان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى رەسىملىك ئېلان ئىدى.

ئۇيغۇرلار ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ نىشانى قىلىنغان بۇ رەسىمدە گەرچە «ئۇيغۇر» نامى ئوچۇق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلاندىكى رەسىملەردە «ئۇيغۇر دوپپىسى، يەكتەك، ھىجاب قاتارلىقلارنىڭ رەسىمى ئىشلىتىلگەن. ساقال قويۇپ، نامازغا تۇرغان ئەر-ئاياللار، گۇمپا ئويناشقا ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قىزىقىدىغان، ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان تىپلارنىڭ ھەممىسى تېررور گۇماندارلىرى قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بەرگەن مەزكۇر خەۋەردە يۇقىرىقى پاكىتلار پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسى گەرچە ئاتېئىستلنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر پارتىيە بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنى تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتىدا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنى بېسىمىنى قاتتىق كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ دائىرىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق، قىرغىز ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغىچە كېڭەيتكەنلىكى شۇنداقلا نىڭشيادىكى تۇڭگانلارغىمۇ قاتتىق بېسىم قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت