پامىرنىڭ قوڭۇرتۆپە چوققىسىدا مۇز تاغ يۆتكىلىپ، بۇلۇڭكۆلنىڭ گەز كەنتى تەھدىت ئاستىدا قالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.05.22

18‏-ماي، پامىر ئېگىزلىكىدىكى 3 چوڭ مۇزلۇق چوققىنىڭ بىرى بولغان قوڭۇرتۆپە مۇز قاتلىمى يۆتكىلىپ، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسىغا قاراشلىق گەز كەنتى ئاپەتكە ئۇچرىغان. خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەز كەنتىنىڭ 15 مىڭ مو يايلىقىنى مۇز بېسىۋېلىپ، 60 ئائىلىلىك يەرلىك چارۋىچىنىڭ ئۆيى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

مۇز كۆچۈشتىن كېيىن گەز كەنتىنى پاتقاق قاپلاپ، گەز دەرياسىدا پاتقاق سۇ ئېقىشقا باشلىغان. خىتاي ئاخباراتى گېئولوگلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنىڭ قاتتىق سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 374 كىلومېتىرلىق گەز دەرياسىنىڭ كەلكۈن كېلىپ، پاتقاق ئېقىش پەسلى 7-، 8 ‏-ئايلارغا توغرا كەلسىمۇ، بىراق 5-ئايدا پاتقاق ئېقىشى نورمالسىز ئەھۋالكەن.

گېئولوگلار، قوڭۇرتۆپە چوقىسى مۇز قاتلىمىنىڭ يۆتكىلىشىنى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە باغلىغان ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىشى تېزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇھىت قوغدىغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رايوندا كۆچمە نوپۇسنىڭ ئارتىشى، شەھەرلىشىش، سانائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆپىيىشى ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى تېزلىتىۋاتقان ئاساسلىق ئامىلكەن.

مۇزتاغ ۋە قوڭۇرتۆپە چوققىسىدىكى مۇزلارنى سۇ مەنبەسى قىلغان گەز دەرياسى ئوپال، تاشمىلىق، قارا كېچىك، بۇلاقسۇ، سايباغ قاتارلىق ئاقتۇ ناھىيىسى، قەشقەر كونا شەھەر ۋە يېڭى شەھەر ناھىيىلىرىگە قاراشلىق بىر مىليون مو تېرىلغۇ يەرنى سۇغىرىدۇ.

خىتاي مۇز قاتلاملىرىنى كۆزىتىش پونكىتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلار تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ 1960‏-يىللاردىكى يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 4.1 سېلسىيە بولغان بولسا، 2010‏-يىلى يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.8 سېلسىيەگە چىققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.