خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پارىژدىكى نامايىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە سوئال قويماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-04-03
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا بىر نەپەر خىتاي گۇماندارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى فىرانسىيەدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كوللېكتىپ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

يەكشەنبە كۈنى 6 مىڭدەك خىتاي پارىژدا يىغىلىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ليۇ شاۋيو ئىسىملىك 56 ياشلىق خىتاي ساقچىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن.

بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «فىرانسىيەدىكى جۇڭگو گراژدانلىرىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، پارىژدا تەخمىنەن 300 مىڭغا قەدەر خىتاي ياشاۋاتقان بولۇپ، نارازىلىق نامايىشى تەشكىللىگەن خىتايلارنىڭ ساقچىلارغا تۇخۇم، بوتۇلكا ۋە مېۋە بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى مەلۇم. ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ساقچىلار ئاخىرىدا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، پارىژدا ساقچىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان بىر خىتاي ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندە فىرانسىيەدىكى مىڭلىغان خىتايلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ھەتتا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى، ھالبۇكى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر ھەققىدە خىتاينىڭ ئىزچىل تۈردە ئاخباراتنى قامال قىلىپ كەلگەنلىكىنى سېلىشتۇرما قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت