ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتا پارس ۋە ئوردۇ تىلى كەسپى تەسىس قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.03.26


خىتاي دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى 13 ئالىي مەكتەپنىڭ يېڭىدىن 38 كەسىپ كۆپەيتىشىگە قوشۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ تەركىبىدىن پارس تىلى ۋە ئوردۇ تىلى كەسىپلىرىمۇ ئورۇن ئالغان ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پارس تىلى ۋە ئوردۇ تىلى كەسىپلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى باشقۇرۇشىدىكى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەسىس قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، پارس تىلى كەسپى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىمى ھازىر پۈتۈن خىتاي بويىچە پەقەت 6 ئۇنىۋېرسىتېتتا پارس تىلى كەسپى بارلىقى ۋە پارس تىلى خادىمىنىڭ 500 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىدىكى پارس تىللىق دۆلەتلەر بىلەن سودا-ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكا، يېزا ئىگىلىك، پۇل-مۇئامىلە ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن پارىس تىلى خادىملىرىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئوردۇ تىلىنىڭمۇ ئۇيغۇر رايوننىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدە، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي كارىدور ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن. نۆۋەتتە، خىتاينىڭ پارىس ۋە ئوردۇ تىللىرى خادىملىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئوردۇ تىلى كەسپى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەمما يۇقىرىقى بۇ ئىككى تىل كەسپىگە ئاساسلىقى قايسى مىللەتتىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى نامەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.