ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى قوش تىل يەسلى باشلىقلىرىنى «پارتىيە رازى بولىدىغان قوش تىل يەسلى قۇرۇش» بويىچە تەربىيىلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-08-17
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېزا «قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشى» نى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ماددىي كۈچ ۋە ئادەم كۈچى تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى سىياسىي ئىدىيە جەھەتتىن تەربىيىلەشكىمۇ ئوخشاش كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «2017-يىللىق جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى يەسلى باشلىقلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ۋەزىپە بىلەن تەربىيىلىنىش كۇرسى» ناملىق بىر كۇرس ئاچقان. خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ كۇرستا جەنۇبىي ۋە شىمالىي رايونلاردىكى ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان 1020 نەپەر يەسلى باشلىقلىرى 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە «قوش تىل» مائارىپى سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش، يەسلى باشلىقلىرى كەسىپ ئۆلچىمى قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە تەربىيىلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭدا بۇ «ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدىغان يەسلى باشلىقلىرى» نىڭ كىملەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نېمە ۋەزىپە بويىچە چېنىقىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىگە ئېنىق ئىزاھات بېرىلمىگەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، كۇرس ئاخىرلاشقان كۈنى ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىن مۇراسىمغا قاتنىشىپ، كۇرسانتلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلىلەرنى پارتىيە رازى بولىدىغان يەسلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى، دۆلەت تىلى ئاتىلىۋاتقان خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسەت، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك مۇقىملىققا ئېرىشىشتىن ئىبارەت باش نىشانغا يېتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ «سېلىشقا تېگىشلىك يەسلىلەرنى سېلىش»، «كىرىشكە تېگىشلىك بالىلارنى كىرگۈزۈش»تىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك نىشانى يېقىندا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، دەپ سۆز قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا كۆپلەپ يېڭى قوش تىل يەسلىلىرىنى سېلىش ۋە ئوقۇتقۇچى سەپلەپ، قوش تىل يەسلىلىرىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ ۋە كۈچ سەرپ قىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان قوزغىغان ئىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىق يارىتىشتىن ئىبارەت نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئۇيغۇر يەسلى بالىلىرىغا قارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت