خىتاي «بۇ يىل 5-ئايدا ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى قويۇۋېتىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىنكار قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.04.20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندىن بۇيان خىتايدا كەڭ تارقالغان «بۇ يىل 5-ئايدا ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى قويۇۋېتىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىنكار قىلغان.

خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سۇڭ شۇلى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ يىل 5-ئايدا ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىدىكەن، دېگەن سۆزلەرنىڭ ئاساسى يوق، ئەمما يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.»

ئۇ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «جايلار مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، نوپۇس ۋەزىيىتى ھەمدە نوپۇس قۇرۇلمىسىغا بويىچە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش بەلگىلىمىسىنى چىقارغان. بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش يوق.»

كۆزەتكۈچىلەر، يېقىندىن بۇيان ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئاستا-ئاستا يۇمشاش كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە نىسبەتەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يەنىلا چىڭ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.