قازاقىستاننىڭ 250 تەك قازاق كۆچمەننى يۇرتىغا قايتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسى يېقىندا قازاقىستاننىڭ يېشىل كارتىسى ئىناۋەتسىز قىلىنغان 250 نەپەر ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن قازاقلارنى يۇرتىغا قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇنىڭدىن ئەندىشىگە چۈشكەن قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق بەزى ئورالمان قازاقلار قازاقىستان باش مىنىستىرى باقىتجان ساغىنتايېفقا خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېشىل كارتىسى بىكار قىلىنغان قازاقلار يېشىل كارتىسىنى قازاقىستاننىڭ جامبۇل ئوبلاستلىق كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا پارا بېرىپ ئالغان ئىكەن.

قازاقىستان كتك تېلېۋىزىيە قانىلى ئىلگىرى جامبۇل ئوبلاستلىق كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ چەتئەللىك كۆچمەنلەرگە يېشىل كارتا سېتىپ پارىخورلۇق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېشىل كارتا سېتىۋالغان 250 نەپەر ئورالمان قازاقنىڭ يېشىل كارتىسى بىكار قىلىنغان. جامبۇل ئوبلاستلىق كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تورىدا 2‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىدا يۇقىرىقى 250 نەپەر قازاقنىڭ يېشىل كارتىقا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى توغرا توشقۇزمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئادرېسىنى خاتا مەلۇم قىلغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ يېشىل كارتىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

قازاقىستان 1991‏-يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، باشقا دۆلەتلەردىكى قازاقلارنى قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا چاقىرغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى نۇرغۇنلىغان قازاقلار قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ياكى قازاقىستاننىڭ يېشىل كارتىسىغا ئېرىشكەن ئىدى. قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېشىل كارتىسى بىكار قىلىنغان بۇ قازاقلار ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىغا قايتىپ كېتىشكە ئۇنىمىسا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارنى مەجبۇرى قايتۇرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت