تۈركىيە ئايرودرومىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنى ساقچىلار قويۇۋەتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-02-02
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئەپ كېلىنگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قويۇۋېتىلگەن.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن، بۇ كىشىلەرنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسىگە قايتۇرۇپ ئەپ كېلىنىپ، تەكشۈرۈپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى قويۇۋېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئەمدى قايتۇرۇلۇش خەۋپىنىڭ قالمىغانلىقى مەلۇم بولدى.

30-يانۋار كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا ئىستانبۇلدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قولىغا كويزا سېلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا ئېلىپ مېڭىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغان ئىدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى ئۇيغۇرلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ساقچىلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى قايتۇرۇلۇشتىن توسۇپ قالغان ئىدى. مەخمۇت ئىنايەت ۋە قۇربانجان قادىر ئىسىملىك بۇ ئىككىيلەن ئايرودرومدىن زەيتىنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى.

رادىيومىزنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر يېرىم يىل بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولغان ئىكەن. تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى يېڭى يىل كېچىسى رېينو كۇلۇبىنى قانغا بويىغان تېررورچىغا چېتىلىپ ساقچىلار تەرىپىدىن پېچەتلەنگەن ئاشخانىنىڭ پېچىتىنى بۇزۇپ ئىچىگە كىردى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىكەن. بىراق ئۇلار بۇ ئەيىبنامىنى قوبۇل قىلمىغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت