ۋىيېتنامدىن قايتۇرۇلغان ئايشەمگۈل ئابدۇللانىڭمۇ ئىز-دېرىكى ئائىلىسىگە مەلۇم ئەمەس
2017.06.07
تۈنۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ 2014-يىلى ۋىيېتنامدىن قايتۇرۇلغان رىزۋانگۈل تۇرسۇننىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېنىقلىشى داۋامىدا، رىزۋانگۈل بىلەن بىرلىكتە قايتۇرۇلغان 4 ئايالدىن بىرىنىڭ ئايشەمگۈل ئابدۇللا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭمۇ ئاقىۋىتىنىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر ئائىلىسىگە نامەلۇم ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئايشەمگۈل ئابدۇللا قاغىلىقنىڭ شاخاپ يېزا تۈگمەنبېشى كەنتىدىن بولۇپ، دادىسى ئابدۇللا سايىت، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ باققان بولسىمۇ قىزى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.
ئۇ پەقەت قىزىنىڭ ۋىيېتنام چېگراسىدا تۇتۇلغانلىقىنى كۈيئوغلىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئۇققان؛ ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچقانداق بىر رەسمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغان.
يەنە شۇ ئاھالىنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇللا سايىت يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئايشەمگۈلنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە سورىغان ھەرقانداق سوئالىغا جاۋاب بەرمەس بولۇۋالغان. ئايشەمگۈل بىلەن تەڭ چېگرادىن قايتۇرۇلغان رىزۋانگۈل سەمەتنىڭ دادىسى تۇرسۇنجان سەمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، قاغىلىقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە ئابدۇللا سايىتنىڭ، قىزىنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ ساقچى ئورۇنلىرىغا بېرىشىمۇ مۇمكىنسىز ئىكەن.