نىكولاس بىكۇلىن خەلقئارانى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىلگەن پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە خىتايغا ئىشەنمەسلىككە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-12-08
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىن خەلقئارانى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىلگەن پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە خىتايغا ئىشەنمەسلىككە چاقىردى.

نىكولاس بىكۇلىن بۈگۈن «گاردىيان» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن قېچىپ چىققان پاناھلانغۇچىلارنى ئىسپات كۆرسەتمەي تۇرۇپ «جىنايەتچى» دەپ قارىلاۋاتقانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تەقىب قىلىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ خەلقئارا قانۇنلاردا خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەردىن قېچىپ چىققان پاناھلانغۇچىلارنىڭ ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تايلاند، كامبودژا، پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

نىكولاس بىكۇلىن بۇنىڭغا مىسال كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاند ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ بەرگەن 109 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «جىھاد قىلىشقا ماڭغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمىگەنلىكىنى، ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەندىن كېيىن ئادالەتسىز سوتلار ئارقىلىق جازالاندۇرغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىدە ھەمكارلاشماسلىققا، ئۇلارنىڭ پاناھلانغۇچىلارغا ئارتقان جىنايەتلىرىگە ئىشەنمەسلىككە چاقىرغان. ئۇ شۇنداقلا ھەم خىتاينى قانۇن-ئەدلىيە سىستېمىسىنى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ماسلاشتۇرۇپ، ئادىل ۋە ھەقىقىي سوت تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت