قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاقلار مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن سۆزلەشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.11.28

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلار دىيارىدا قازاقلارنىڭ كەك كۆلەملىك سىياسىي تەقىب ۋە قولغا ئېلىشقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئاستانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇي بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 28-نويابىردىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاقىلبېك كامالىدىنوۋ بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتاي تەرەپكە ئۆزلىرىنىڭ «خىتايدىكى قازاقلاردىن كۆپلەپ نارازىلىق ئەرزى تاپشۇرۇۋالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تۈنۈگۈن بولغان سۆھبەتتىمۇ ئاساسلىقى مۇشۇ مەسىلە مۇھاكىمە قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۆھبەت 9-نويابىر كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، كامالىدىنوۋنىڭ كېلەر ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدە بۇ مەسىلە مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. 

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان سىياسىي كونتروللۇقنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ، قازاق ۋە قىرغىز چارۋىچىلىرىنىمۇ ئېغىر پاراكەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە رادىئومىز كۆپ قېتىم مەلۇماتلار بەرگەن ئىدى. 28-نويابىر ئامېرىكىدىكى داڭلىق ژۇرناللاردىن «دىپلومات» ژۇرنىلىدىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىزچىل ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرگە سۈكۈت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلىرى ئىلگىرى كۆپ قېتىملاپ خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى «تېررورچى» دېگەن نامدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.