قازاقىستاندا سوۋېت دەۋرىدىن قالغان يەر جاي ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.11.06

قازاقىستان ئۆز تەۋەلىكىدىكى تۆمۈر يوللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىگە مەنسۇپ 90 غا يېقىن بېكەتنىڭ نامىنى ئۆگەرتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

يېقىندا قازاقىستان تۆمۈر يول ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 87 تۆمۈر يول بېكىتىنىڭ نامىنى ئوزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، گەرچە قازاقىستان مۇستەقىل بولغىنىغا 25 يىل بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت تاكى ھازىرغىچە سوۋېت دەۋرىگە خاس بۇ بېكەت ناملىرىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ كەلگەن ئىكەن.

بۇ ئۆزگەرتىش«مۇستەبىت ئۆتمۈش دەۋرىدىن خالى بولۇش» دەپ تەرىپلەنگەن.

پەرغانە تورىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا پەقەت تۆمۈر يول بېكەتلىرىنىڭ نامىلا ئەمەس، بەلكى سوۋېت دەۋرىگە خاس بولغان يەنە كۆپلىگەن ئاھالىلار پونكىتلىرى، كوچا ئىسىملىرىمۇ ئۆزگەرتىلىدىغان بولۇپ، مەسىلەن بۇ يىل ئالماتا-ئاتا شەھىرىدىكى 170 كوچىنىڭ نامى ئۆزگەرتىلىدىكەن.

ئەمما، بەزى جايلاردىكى يېزا ئاھالىسى ئۆز يېزىسى ۋە ئاھالە پونكىتلىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى چىققان. مەسىلەن، قازاقىستاننىڭ پاۋلودار ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى «لېنىنسكي» مەھەللىسى ئاھالىسى «لېنىنسكي» نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قازاق سۇلتانى «قازانغاپا»نىڭ نامىنى قوللىنىشقا قارشى چىققان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستانننىڭ رۇس ئاھالىسى زىچ ۋە كۆپ جايلاشقان رايونلاردىكى ئاھالىلار پونكىتلىرى، كوچا ئىسىملىرى ۋە باشقىلارنى ئۆزگەرتىش قارشىلىققا ئۇچراپ، بۇ مەسىلىدە قىيىنچىلىق پەيدا بولماقتا.

قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، 1990-يىللاردا بۇ دۆلەتلەردىكى شەھەر، يېزا، مەھەللە، كوچا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئىسىم ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغالغان ئىدى. قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ بىر قىسىم تارىخى باتۇرلىرى، مىللىي قەھرىمانلىرى، مەشھۇر شەخسلىرى، جۈملىدىن ئالىم ۋە شائىرلىرىنىڭ ئىسىملىرى قايتىدىن ئەبەدىيلەشتۈرىلىپ، كوچا ۋە ھەر خىل جايلارغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.