10 مىڭ نەپەر كادىر «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا قەسەم بەرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.06.05

ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەشۋىقات ساھەسىدىكى 100 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار «بىرلەشمە ۋەدىنامە» ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن، يەنى 5-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ تەشكىلات بۆلۈملىرىدە خىزمەت قىلىدىغان 10 مىڭدىن ئارتۇق كادىر «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە كوللېكتىپ قەسەم بەرگەن.

قەسەمياد يىغىنىدا سۆزگە چىققان قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇختەر كەنجى مۇنداق دېگەن: «‹ئۈچ خىل كۈچ› لەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن گۇماشتىلىرىنى نەق جايىدا بايقاش ۋە ئۇلارنى تېپىپ چىقىش ئىشى بىزگە ئوخشاش پارتىيىنىڭ تەشكىلات ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان كادىرلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بۇ ۋەزىپە تەشكىلات ساھەدىكى ھەر بىر كادىرنى سىنايدىغان ئەڭ مۇھىم سىناقتۇر.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قەسەمياد يىغىنىدا سۆزگە چىققان ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ۋە ناھىيەلىك تەشكىلات بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇل كادىرلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى قانداق تېپىپ چىقىش ۋە ئۇلارغا قانداق زەربە بېرىش توغرىلىق ئىپادە بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان 10 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بەرمەكچى بولغانلىقى رايوندا كومپارتىيە سېپىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارغا قارىتا يەنە بىر مەيدان تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرمەكتە، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.