قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسىنى قىرغىزىستانغا كىرگۈزمىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.12.05


2 - دېكابىر، قىرغىزىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىملىرى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىسىنى قىرغىزىستانغا كىرىشتىن توسۇپ قالغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى دىرېكتورى مىھرا رىتمان «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» دەپ قارىلىپ 2 - دېكابىر بىشكەكتىن ئۇچىدىغان بىر ئايروپىلانغا سېلىپ قايتۇرۇلغان.

باياناتقا قارىغاندا، كىرگۈزمەسلىك قارارىدا رىتمان خانىمنىڭ «قىرغىزىستان كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان» لىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «رىتمان خانىمنىڭ كىرىشىنى چەكلەش قارارىنىڭ ھېچ ئاساسى يوق. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئورگىنىمىزنىڭ قىرغىزىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش پائالىيىتىگە قىلىنغان بىۋاسىتە مۇداخىلە دەپ قارايدۇ.»

بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دىرېكتورى كەننېت روت قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى رىتمان خانىمغا قارىتىلغان كىرىش چەكلىمىسىنى دەرھال بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ بىشكەككە قايتىپ خىزمەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.