قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت پاختەكلى يېزىسىدا «قىزىل خاتىرە ساراي» قۇرۇشنى قارار قىلغان
2017.07.29
قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر دائىرىلىرى قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدا «قىزىل خاتىرە سارىيى» قۇرۇش توغرىلىق بىلدۈرگۈ چىقارغان.
بىلدۈرگۈدە، پاختەكلى يېزىسىدىكى بىر قىسىم يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆي-جاي ۋە شەخسىي قورۇلىرىنىڭ «قىزىل خاتىرە ساراي» نىڭ قۇرۇلۇش دائىرىسىگە كىرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ياخشى ماسلىشىپ ئۆي-جايلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە مۇۋاپىق تۆلەم ئېلىش مەسىلىلىرىنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
مەلۇمكى، قەشقەرنىڭ پاختەكلى يېزىسى 1950-يىلىدىكى يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارى بويىچە «ئۆگىنىش ئۈلگىسى» قىلىنغان يېزا بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى پاختەكلىدىكى يەر ئىسلاھاتى ھەققىدە نۇرغۇن تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.
1950-يىلىنىڭ ئاخىرى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تەشەببۇسى، شائىر تىيىپجان ئېلىيوپنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان پاختەكلى دېھقانلىرىنىڭ ماۋ جۇشىغا يازغان خېتى - «سالام سىزگە ماۋ جۇشى» دېگەن داستان ئېلان قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر، ئارىدىن 77 يىل ئۆتكەندە بۈگۈنكى كۈندە قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پاختەكلى يېزىسىدا «قىزىل خاتىرە ساراي» سالماقچى بولغانلىقى خۇددى قۇربان تۇلۇم ئۈچۈن ھەيكەل تىكلىگەندەك بىر ئىش. ئۇ قىپقىزىل سىياسىي تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.