ئۆتكەن بەش يىلدا خەلقئارا قورال سودىسى سوغۇق ئۇرۇشتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى كۆلەمنى ياراتقان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.02.20

باش شتابى سىتوكھولمدىكى خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قورال ئىمپورت قىلىش كۆلىمى پۈتۈن دۇنيانىڭ 43 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى 4 يىلغا سېلىشتۇرغاندا 7.7 پىرسەنت ئاشقانلىقى مەلۇم.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن بەش يىلدا ئوتتۇرا شەرق رايونى بىلەن ئاسىيا ئەللىرىنىڭ قورال سودىسى سوغۇق ئۇرۇشتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتقان.

ئىگىلىنىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ۋە پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قورال-ياراغ ئىمپورت قىلىش نىسبىتى ئىلگىرىكى 17 پىرسەنتتىن 29 پىرسەنتكە يېتىپ، ياۋروپا (11 پىرسەنت)، ئامېرىكا (8.6 پىرسەنت) ۋە ئافرىقا (8.1 پىرسەنت) ئەللىرىدىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ھىندىستاندىن قالسىلا دۇنيادا قورال-ياراغنى ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلانغان.

سىتوكھولمدىكى خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قورال ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ، دۇنيا قورال-ياراغ بازىرىنىڭ 33 پىرسەنتىنى، رۇسىيە 23 پىرسەنتىنى، خىتاي 6.2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.