خىتاينىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» تە قوش ئۆلچەم قوللىنىشى تەنقىدلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.24

خىتاينىڭ يېقىندا «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەن نامدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتى قوزغىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

بۇلار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ساقال-بۇرۇتنى مەنئى قىلىش، «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» تەسىس قىلىش قاتارلىقلارنىڭ داۋامى سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىشى» دىكى چارىلاردىن، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

كانادادىكى مەكگىل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «مەكگىل خەلقئاراغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى قوش بىسلىق شەمشىرى» ناملىق ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىشى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنغان. ماقالىدا نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى «تېررورلۇقنىڭ قۇربانلىرى» دەۋېلىش ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى، نەتىجىدە بۇ «قوش بىسلىق شەمشەر» دىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋام ئەتتۈرىۋاتقانلىقى مۇھاكىمە قىلىنغان.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىنىڭ تەبىرى خەلقئارادىكى «تېررورلۇق» نىڭ تەبىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق» دەپ ئاتاۋاتقان ھەرىكەتلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرى بولۇپ، خەلقئارا دۇنيانىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇق ھەققىدە ھەمكارلىشىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.