5000 نەپەر ئوقۇتقۇچى-كادىر قوش تىل يەسلىلىرىگە ئەۋەتىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىل 5000 نەپەر كادىر ۋە ئوقۇتقۇچىنى جەنۇبتىكى يېزا قوش تىل يەسلىلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە ئەۋەتىدىكەن.

«شىنجاڭ ئەتىگەنلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ، جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قوش تىل يەسلىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان خادىملار 2017-يىللىق كۈز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاپتونوم رايون مىقياسى بويىچە يېڭىدىن دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قىلىنغان 3000 نەپەر كادىر ۋە 2000 نەپەر يېڭى ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پىلانغا ئاساسەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 1200 نەپەر، قىزىلسۇغا 400 نەپەر، قەشقەر ۋىلايىتىگە 2000 نەپەر، خوتەن ۋىلايىتىگە 1400 نەپەر ئوقۇتقۇچى -كادىر ئەۋەتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىلنىڭ بېشىدا «سېلىشقا تېگىشلىكىنى چوقۇم سېلىش»، «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكى چوقۇم يەسلىگە كىرىش» دەپ نام بېرىلگەن نىشان بويىچە بۇ يىل سېنتەبىرگىچە 4408 يېڭى يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ بولغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپلەپ سېلىنىۋاتقان قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل بولىدىغانلىقى دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئادەم يۆتكەش ئارقىلىق ھەل قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

دەرۋەقە، تېخى يېقىندا ئىستانسىمىز يەكەن ناھىيىسىدىكى مۇشۇنداق قوش تىللىق يەسلى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان 3000 نەپەر ئوقۇتقۇچى سانىنىڭ پۈتۈنلەي ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنغان خىتاي كاندىداتلار بىلەن تولدۇرۇلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت