خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «قۇرئان كەرىم» نى يىغىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-28
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «قۇرئان-كەرىم»، جايناماز ۋە باشقا دىنىي بۇيۇملارنى يىغىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ، بۈگۈن بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇنىڭ «ئاساسسىز» ئەيىبلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، رادىئومىز كورلانىڭ قارا يۇلغۇن قاتارلىق يېزا-بازارلىرىدىكى يەرلىك كادىرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ يەرلىك مۇسۇلمانلارنى ئۆيىدىكى «قۇرئان -كەرىم»، جايناماز قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. قارا يۇلغۇنلۇق بىر يېزا كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارايۇلغۇن بازىرىغا قاراشلىق بىر كەنتنىڭ ئۆزىدىن 5 مىڭ دانە «قۇرئان كېرەم» ۋە 250 ئەتراپىدا جايناماز يىغىۋېلىنغان ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلقنىڭ تىنچ-خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنى بۇنداق ئاساسسىز ئەيىپلەشلەر بىلەن ئۆسەك سۆز تارقىتىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» دېگەن نامدا يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويغان. دائىرىلەر يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى، دىنىي تۈسى قويۇق بولغان ئىسىملارنى، دىنىي مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى ۋە دىنىي خاھىشنى ئىپادىلەيدىغان بۇيۇملارنى «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى»، دەپ چەكلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت