ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «قۇرئان» ۋە جايناماز يىغىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-29
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى 29‏-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر، قىرغىز، قازاق مۇسۇلمانلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلىرىنى يىغىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «قۇرئان كەرىم»، جايناماز ۋە دىنىي ماتېرىياللارنى يىغىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى «ئاساسسىز ئۆسەك سۆز» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ھالبۇكى، بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كورلا شەھىرىگە قاراشلىق يېزا-كەنتلىرىدىكى يەرلىك دائىرىلەر رادىئومىزغا مەلۇمات بېرىپ، «قۇرئان كەرىم» جايناماز ۋە باشقا دىنىي ماتېرىياللارنى يىغىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى بىر يەرلىك كادىر، «5 مىڭ پارچە ‹قۇرئان كەرىم› ۋە 500 دانە جايناماز يىغىۋالدۇق» دېگەن ئىدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلامنىڭ مۇقەددەس كىتابى بىلەن دىنىي ئاشقۇنلۇقنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئۆز دىنىدىن سوۋۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ سىياسەت قىزىل قوغدىغۇچلار 4 كونىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى دىنىي ئىپادىگە قارشى ئەڭ زوراۋان ھەرىكەت» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىككە قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويغان. بۇ يىل مارتتا «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» ماقۇللاپ، نۇرغۇن دىنىي سىمۋوللۇق بەلگىلەر، دىنىي كىيىم-كېچەك، دىنىي تۈس ئالغان ئىسىملار ۋە دىنىي خاھىشلارنى «ئاشقۇنلۇق» نىڭ ئىپادىسى، دەپ ئېلان قىلغان.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشقا دائىر مەزمۇنلارغا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارا پۇقرالىق-سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت