خىتاي خەلق گېزىتى «قۇربان تۇلۇم» نى دورىغان شەخسنى 5-ئىيۇل كۈنى ئېسىگە ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-07-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە سەھىپىسى 5-ئىيۇل كۈنى مەخسۇس ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدا 70-يىللاردا ماۋ زېدۇڭنى كۆرۈش ئۈچۈن ئېشەك مىنىپ يولغا چىققان قۇربان تۇلۇمنى دوراپ، بېيجىڭغا پىيادە سەپەرگە چىققان ئابلاجان مۇختارنى ئالاھىدە خەۋەر قىلىپ تارقاتتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 43 ياشلىق ئابلاجان مۇختار ئاپتوموبىل رىمونتچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ قۇربان تۇلۇم روھىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇقىنى، كەڭ قوساقلىقىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۆيىدىغان ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا پىيادە يولغا چىققان ئىمىش.

ئەمما دىققەت قوزغايدىغىنى، ئابلاجان ئىسىملىك كىشى بېيجىڭغا پىيادە مېڭىش ھەرىكىتىنى ئاپرېلنىڭ بېشىدا باشلىغان بولسىمۇ، ئۇ خىتايدىكى ئاخباراتلاردا تىلغا ئېلىنىپمۇ قويمىغان. ئەمما دەل 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بولسا، خىتاي ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان خەلق گېزىتى ئىنگلىزچە سەھىپىسىدە ئۇنى تەشۋىق قىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ بۇنداق پۇرسەتپەرەس شەخسلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى يوشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن قۇربان تۇلۇم تەشۋىقاتىنى قايتىدىن سۆرەپ چىقىپ، ئۇنى پارتىيىدىن مىننەتدار بولۇشنىڭ، قوشماق تۇغقاندارچىلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت