رابىيە قادىر خانىم: «خىتاينىڭ تۇغقانلىرىمنى تۇتقۇن قىلىشى داۋا يولۇمنى توسالمايدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.11.14

يېقىندا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇغقانلىرىدىن 30 نەچچە كىشىنى ساقچىلارنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر غەرب دۇنياسىدىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر روشەن مىسالغا ئايلانغان ئىدى.

14-نويابىر رويتېرس ئاگېنتلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىقلار بۇ ھەقتە مەخسۇس مەلۇماتلار بېرىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئەۋج ئېلىۋاتقان تەقىب قىلىشنى تونۇشتۇردى. رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇلار بۇ ۋەقە توغرىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇراجىئەتنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى ئېلىپ كەتكەنلەر ئىچىدە رابىيە خانىمنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ۋە قېرىنداشلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تېخى يېقىندا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىكەن. مۇراجىئەتنامىدە بۇ قېتىم تۇتۇلغانلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە جىنس ئايرىمىسىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇلاردىن باشقا يەنە بالىلىرىنىڭ تۇغقانلىرى ۋە ئۇلار بىلەن نورمال ئالاقىدە بولغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە بۇ خىل تۇتقۇننىڭ ھازىر ئۆزىگىلا ئەمەس، ھەممىلا ئۇيغۇر ئائىلىسىگە قەدەر يېيىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى دۈشمەن كۆرۈش بىلەن بىرگە مېنىڭ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى يولىدىكى ھەرىكەتلىرىمنى مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق توسماقچى بولۇۋاتىدۇ. مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، خىتاينىڭ بۇ خىل رەزىل مەقسىتى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مەن داۋا يولۇمدىكى پائالىيەتلەرنى ھەرگىز توختاتمايمەن» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.