سانجىدا كۆمۈر كان پارتلاپ ئاز دېگەندە 21 ئادەم ئۆلگەن
2013.12.13
جۈمە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانجى رايونىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 21 ئادەم ئۆلگەن. پارتلاش 12-دېكابىر كۈنى سائەت 1:34 دە يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاش يۈز بەرگەندە كان ئاستىدا 34 نەپەر ئىشچى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
ئىشچىلاردىن 12 نەپىرى قېچىپ قۇتۇلغان. خىتاي ئاخباراتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، 22 نەپەر ئىشچىنىڭ كان ئاستىدا قامىلىپ قالغانلىقى، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ كان ئاستىدىكى ئىشچىلارنى ئىزدەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، كاندا ئاستىدا قامىلىپ قالغان 22 ئىشچىدىن 21 نەپىرى ئۆلگەن. ۋەقە مېتان گازىنىڭ پارتلاپ كېتىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل پاجىئەلەر كان قۇدۇقىدا مېتان گازىنى سىرتقا يوللايدىغان تۇرۇبا يولى بولمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىكەن.