ساقچى ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا چېنىقتۇرۇلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-07-09
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 8 يىللىقى تولغان كۈندە ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىدا مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ 1800 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا بېرىپ، ئەمەلىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىش سەپىرىگە ئاتلىنىش قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ مەزكۇر 1800 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ تەۋەسىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، چېنىقتۇرۇلىدىكەن. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ رايونلاردا چېنىقتۇرۇلۇشىدىكى مەقسەتلەر قاتارىدا ئۇلارنىڭ كەسپى تونۇشى ۋە ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئورۇن ئالغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى «خەلق ئۇرۇشى» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردە كۆپ قېتىم قوراللىق ساقچى قىسىم، جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچى ۋە باشقا تۈردىكى ئامانلىق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەربىي ھەيۋە كۆرسىتىش ھەم قەسەم بېرىش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىنى «تېررورىزمغا قارشى جەڭ مەيدانى» دەپ جاكارلاپ، بۇ رايوندا زور ساندىكى كادىرلار ئەترەتلىرى، ساقچى كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، يېزا-كەنتلەرگە قاراتقان نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى ئىزچىل ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت