كانادادا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى قۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-07-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت


كانادا ھۆكۈمىتى 15 - ئىيۇل كۈنى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى رەسمىي تىزىمغا ئالغان.

ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ 20 - ئىيۇل رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كانادا فېدىرال ھۆكۈمىتى مۇئەسسسەلەر ئىشخانىسى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ھەمدە ئۇلارغا تىزىمغا ئېلىش گۇۋانامىسىنى تاپشۇرغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەشكىلاتلارمۇ بارغانچە كۆپەيمەكتە. سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، كانادادا تىزىمغا ئېلىنغان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ چەتئەللەردىكى تۇنجى قېتىملىق رەسمىي پائالىيەت باشلىغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ تەرىپلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت