شىمالىي كورېيە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانلىقىنى ئېيتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.07.04

رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ ئېتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى يەر شارىدىكى ھەرقانداق جايغا ئاتالايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

ئاقساراي بۇ ھەقتە ھازىرچە رەسمىي ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۈگۈن بۇ ھەقتە تىۋىتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ «جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بۇ ئەھۋاللارغا ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرمايدۇ. بەلكىم خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ئەسەبىيلىكىنى توختىتىشىغا چوڭراق كۈچ چىقىرىشى مۇمكىن» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەگە بۇ قېتىمقى بومبا سىنىقى توغرىلىق «ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىش» لازىملىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ خىل بومبا سىناقلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر شىمالىي كورېيەنىڭ ھازىرقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىگە ئۇچۇپ كېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.