خىتاي ئامېرىكىنى جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بومبا قالقان سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.04.26

ئامېرىكا تھااد دەپ ئاتالغان ئالاھىدە يۈكسەك بومبا قالقان سىستېمىسىنى جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتكەندىن كېيىن، كورېيە ئارىلىدا ئۆزگىرىۋاتقان كۈچ تەڭپۇڭلۇقى خىتاينى ئەندىشىگە سالدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ، كورېيە ئارىلىدىكى ئىستراتېگىيىلىك كۈچ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلسا، ئارال ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ مەزكۇر بومبا قالقان سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مەزكۇر سىستېمىنى جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇشۇ يىل ئىچىدە تاماملىماقچى؛ بۇ پىلاننىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى بېسىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسى تۈنۈگۈن ئارال قىرغىقىغا يېتىپ بارغان. ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسى بۇ قېتىمقى سەپىرىدە مەزكۇر بومبا قالقان سىستېمىسىنىڭ راكېتا ئاتقۇچى ۋە رادار قاتارلىق بىر نەچچە پارچىسىنى توشۇغان؛ كورېيە ھەربىي دائىرىلىرى نامىنى تىلغا ئالمىغان ھالدا بۇ پارچىلاردىن بىرىنى تېگىشلىك جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى ئېيتقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە شىمالىي كورېيەنىڭ ئارقىمۇ- ئارقا ئېلىپ بارغان يادرو سىناقلىرىنىڭ تەھدىتى بىلەن بېسىلغان بۇ قەدەم رۇسىيەنىمۇ ئەندىشىگە سالغان؛ رۇسىيە مەزكۇر سىستېمىغا ئائىت رادارنىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ئىكەنلىكى ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋەزىيەتتىن جىددىيلەشكەن شى جىنپىڭ ئالدىنقى كۈنى پرېزىدېنت دونالد ترامقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون قىلىپ، ئۇنى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى كۆپ تەرەپلىمە مۇزاكىرە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.