ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھاۋا مانېۋىرى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.12.04

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە دۈشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى باشلىدى.

مەزكۇر مانېۋىر شىمالىي كورېيە ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئامېرىكا زېمىنىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن باشلانغان. شىمالىي كورېيە مانېۋىرغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مانېۋىرنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى «يادرو ئۇرۇشى گىردابىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ھوشيارلىق كوزىرى» ناملىق 5 كۈنلۈك مانېۋىرغا F-35، F-22 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار، B-1B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئۆز ئىچىگە 230 دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايروپىلانى، 12 مىڭدەك ئەسكەر ئىشتىراك قىلىدىكەن. ئامېرىكا «ئارمىيە خەۋەرلىرى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «شىمالىي كورېيەنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى جەنۇبىي كورېيەنى قوغداشقا تەييار تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ كەلدى. ئۇلار ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە مانېۋىرىنى بىكار قىلىش، بۇنىڭ بەدىلىگە شىمالىي كورېيە ئۆزىنىڭ قورال-ياراق پروگراممىسىنى توختىتىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن خىتاي مانېۋىرنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كورېيە ئارىلىنىڭ ئەتراپىدا ھاۋا مانېۋىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھاۋ ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى شىن جىنكې دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى شەرقىي دېڭىزنىڭ كورېيەگە يېقىن ھاۋا بوشلۇقىدا مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاق ساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مىكماستېر يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي بىلەن رۇسىيە شىمالىي كورېيەنى كونترول قىلىشقا ياردەم قىلسا، بۇ ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى، بىراق زۆرۈر تېپىلسا ئۇنىڭغا ئامېرىكا ئۆزى تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىكماستېر: «زۆرۈر تېپىلسا پرېزىدېنت ۋە ئامېرىكا ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ. چۈنكى، پرېزىدېنت ئېيتىپ كەلگەندەك ئۇ بۇ قانلىق، جەللىگۈر ھاكىمىيەتنىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ خەتەرلىك قورال بىلەن ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىشىغا يول قويمايدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.