«ئەل سۆيگەن سودىيە-گۈلمىرە» ھەققىدىكى تەشۋىقاتنىڭ يەنە بىر يۈزى گۇمان قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.07.11

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل مارت ئېيىدا باشلانغان «خىتاي بويىچە خەلق ئەڭ ياقتۇرغان ياخشى سودىيە» نى تاللاش پائالىيىتىدە تاللىنىپ چىققان ئون نەپەر سودىيەنىڭ ئىچىدە گۈلمىرە ئابلىز ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر سوتچى بار ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا بۇ ئايال كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گۈلمىرە ئابلىز 1973-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1999-يىلى قانۇن ساھەسىگە كىرگەن. ئۇ ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئۆسمۈرلەر سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن سودىيەسى ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، گۈلمىرە ئابلىز ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سانى بەكمۇ ئاز بولغان «قوش تىللىق» سودىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىنقى ئۈچ يىل مابەينىدە خىتاي ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا مىڭغا يېقىن دېلونى بىر ياقلىق قىلغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بىر تارماق سوت مەھكىمىسىدىكى بىر سوتچىنىڭ مىڭ خىزمەت كۈنىگە بارمايدىغان ۋاقىت ئىچىدە مىڭ دېلونى بىر ياقلىق قىلغانلىقى راست بولسا، بۇ ھال سوتچىلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىنىلا ئەمەس، يەنە تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ قانداق تېز سۈرئەتتە ھەر خىل جازالارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.