خىتاي ئىنژېنېرلىرى تىبەتتىن ئۇيغۇر ئېلىغا سۇ باشلاپ كېلىشنى سىناق قىلماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.10.30

خىتاي ئىنژېنېرلىرى 1000 كىلومېتىرلىق تونىل قېزىپ، تىبەتتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەكلىماكان رايونىغا سۇ باشلاپ كېلىشنى سىناق قىلماقتىكەن. بەزى خىتاي ئىنژېنېرلىرى بۇ پىلاننىڭ سىناق قىلىنىۋاتقانلىقىنى خوڭكوڭ «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتا گېزىتى» گە ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر گېزىتنىڭ يەكشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سىناققا ئىشتىراك قىلىۋاتقان بىر خىتاي گېئو-تېخنىكا ئىنژېنېرى، ئەگەر بۇ پىلان ئىشقا ئاشسا، ئۇ «شىنجاڭنى كالىفورنىيەگە ئايلاندۇرىدۇ» دېگەن.

تىبەتتىن تەكلىماكانغا سۇ باشلاش پىلانى بۇ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەس. ئۇ بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئاۋۋال بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ پىلان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، مۇھىت قوغدىغۇچىلىرى ۋە ھىندىستان تەرەپنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ پىلان تەكلىماكان ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلسىمۇ، بىراق بۇ خىتاينىڭ بۇ رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت خاسلىقىغا تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەت-تەكلىماكان سۇ تونىلى قۇرۇلۇشى ھازىر خىتاينىڭ گۇيجۇ بىلەن يۈننەن ئۆلكىسى ئارىسىدا ياسىلىۋاتقان سۇ تونىلى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىغا باغلىقكەن.

بىر خىتاي ئىنژېنېرى بۇ قۇرۇلۇش تىبەت-تەكلىماكان سۇ قانىلى ئۈچۈن تېخنىكا، لايىھەلەش مېتودى ۋە ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردە زۆرۈر تەجرىبە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتا گېزىتى» خەۋىرىدە، بۇ پىلاننىڭ ئالدىدا زور توسقۇنلۇقلار بارلىقىنى، ئۇنىڭ مەبلەغ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقى، لايىھەلەش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق، مۇھىتقا بولغان تەسىرى قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.