خىتاي تىبەتنىڭ سۈيىنى تەكلىماكانغا باشلاش قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.31

خىتايدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تىبەت ئېگىزلىكىدىن تەكلىماكانغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر 30-ئۆكتەبىردە دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن يەر ئالغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى.

ھىندىستاندا چىقىدىغان «ھەپتە ئاخىرىدىكى رەھبەرلەر» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇئا چۈنيىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئۇ پۈتۈنلەي يالغان خەۋەر. بىز چېگرا ھالقىغان بۇ دەريا مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقنى مۇھىم دەپ قاراپ كەلمەكتىمىز» دېگەن.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ زور قۇرۇلۇش ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندا «براھماپۇترا دەرياسىنىڭ سۈيى بوغۇپ تاشلانسا ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسىم ئۆلكىلىرىگە غايەت زور سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن بولسا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مىليونلىغان كۆچمەن يۆتكەشكە شارائىت ھازىرلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ زور قۇرۇلۇش ھەققىدىكى ئىلتىماسنىڭ تەستىقلىنىشى 2018-يىلى مارتتا مەلۇم بولىدۇ، دەپ قارالغان ئىدى. ئۇنىڭدا تىبەت ئېگىزلىكىدە يارلۇزاڭبۇ (براھماپۇترا) دەرياسىنى توسۇپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 1000 كىلومېتىرلىق تونېل ئارقىلىق تەكلىماكانغا توشۇش ئاخىرقى نىشان قىلىنغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ قۇرۇلۇشقا ئاز دېگەندىمۇ 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.