خىتايدىكى تاماكا چېكىش مەسىلىسى يەنە دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-04-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان خىتاي دۆلىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيا بويىچە تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانىدىمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 21-ئەسىردە خىتايدا ئاز دېگەندىمۇ 200 مىليون كىشى تاماكىغا چېتىشلىق كېسەللەر تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە خىتايدىكى تاماكا سودىسى دۆلەت مالىيىسىدە غايەت زور نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 160 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ساپ پايدا ياراتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئەرلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تاماكا چېكىدىكەن.

خىتايدىكى نۇرغۇن جايلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساسەن ئىجرا قىلىنمايدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئەڭ غۇلغۇلا قوزغىغان مىسال ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خوتەن ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن جېلىل مەتنىيازنىڭ ئۆز يېزىسىدىكى ئىمام ئالدىدا تاماكا چەكمىگەنلىكى ھەمدە بۇ سەۋەبلىك جازالانغانلىقى بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت