تايلاند كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئاچلىق ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.05.31

ئىككى يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار رادىيومىز ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 31-مايدىن باشلاپ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرىنى قويۇپ بېرىشكە ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئاچلىق ئېلان قىلغان بۇ گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى رادىئومىزغا ئەۋەتكەن باياناتتا «نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى بىز تاماق يېمەسلىك ۋە سۇ ئىچمەسلىك ئېلان قىلىپ تۇرۇپ بىزنىڭ ئەركىنلىككە چىققۇمىز بارلىقىنى، ھەرقانداق بىر دېموكراتىك دۆلەتتە ئەركىن ياشىغۇمىز بارلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇقتۇرماقچى» دەپ جاكارلىغان.

ئۇلار خېتىدە يەنە، ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇلسا تەن جازاسى، مەدەتسىز قاماق جازاسى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇش خەۋپى بارلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: «شۇ سەۋەبتىن مۇشۇ جايدا ئاچلىقتىن ئۆلگىنىمىز ياخشى.»
ئۇلار خېتىدە يەنە تايلاندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر بارلىقى، مەزكۇر باياناتنىڭ شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار 2014-يىلى مارتتا پاسپورتسىز تايلاندتىن مالايشىياغا ئۆتۈش سەپىرىدە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىشنى تاللىغان ئۇيغۇرلاردىن 109 كىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا قارىماستىن 2015-يىلى 9-ئىيۇلدا مەجبۇرىي ھالدا تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

ئەينى چاغدىكى خەۋەرلەردە تايلاندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يەنە 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قېلىپ قالغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.