يەكەن ناھىيەسىدە تۇپراق ئېقىپ، 35 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-07-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

قاتتىق يامغۇر ياركەنت ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسىغا قاراشلىق بىر تاغلىق كەنتىدە تۇپراق ئېقىش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، 35 ئادەم ئۆلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۈز بەرگەن.

لېكىن خىتاي ئاخباراتى ۋەقە چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ۋاقتىدا خەۋەر بەرمىگەنلىكى، نېمە ئۈچۈن ۋەقەنى بىر كۈن ساقلاپ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

ۋەقە كۆكيار يېزىسىنىڭ 6‏-كەنتىدە يۈز بەرگەن. 6‏-كەنت قاراقورۇم تېغىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، يەكەن ناھىيەسىگە قارىغاندا قاغىلىق ناھىيەسىگە يېقىنراق ئىكەن. ئۇنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 170 كىلومېتىر بولۇپ، خەۋەرلەردە تۇپراق قېيىشنى قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، قاتتىق يامغۇرنىڭ يەنە شۇ رايوندىكى بەزى تاشيول بۆلەكلىرىگە ئېغىر زەرەر بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما خەۋەرلەردە يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى، ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى قېزىپ چىقارغان-چىقارمىغانلىقى، قالغان زىيانلارغا دائىر تولۇق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. پەقەت قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇھىت قوغدىغۇچىلار دائىرىلەرنى بۇ رايوندا سۇ ئامبىرى ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارنى كۆپ ئېلىپ بېرىش ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇپ، تۇپراقنىڭ بوشاپ كېتىشىنى، بۇ گېئولوگىيىلىك ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت