خىتاي غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسى 2016-يىلى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىشتا غايەت زور بۆسۈش ياراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.02.27

ئىقتىسادشۇناسلار، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلىنىشى ئۇنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە بولغان ئېھتىياجىنى، بولۇپمۇ نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىم نېفىتلىكى، جۇڭغارىيە نېفىتلىكى ۋە قۇمۇل-تۇرپان نېفىتلىكلىرىدىن قېزىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى ھەسسىلەپ ئاشقان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نېفىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسى 2016-يىلى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىشتا غايەت زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭىدىن 2 مىليارد توننىدىن ئارتۇق نېفىت زاپىسى بايقىغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك يەر قاتلىمىغا جايلاشقان نېفىت زاپىسىنىڭ ئۆزىلا 117 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.

مەلۇمكى، خىتاينىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى نېفىتلىكلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە بولۇپ، بۇ يەردىن زور كۆلەمدە قېزىلىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى قوش تۇرۇبا ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇپ كېتىلمەكتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پەقەت تارىم نېفىتلىكىدىن شەرققە توشۇلۇۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ ئۆزىلا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي ئاھالىسىنىڭ يېقىلغۇ ئېھتىياجىنى قامدىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.