خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋە توقسۇندىكى كۆيۈۋاتقان يەر ئاستى كۆمۈرلۈكنى ئۆچۈرۈشكە كىرىشكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.10.07

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات -ئىسلاھات كومىتېتى ئۇيغۇر رايونىدا ھازىرغا قەدەر كۆيۈۋاتقان ئىككى يەر ئاستى كۆمۈرلۈكنى ئۆچۈرۈشكە كىرىشىپ، ئۇنىڭغا 39 مىليون دوللار پۇل ئاجراتقان.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى‏-شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 39 مىليون دوللارنىڭ كەلگۈسى 3 يىلدا ئۈرۈمچى ۋە توقسۇندىكى ئىككى يەر ئاستى كۆمۈرلۈكنى ئۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدا زور كۆلەملىك كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇپ، كۆمۈرىنى ئۆز جايىدا ئىستېمال قىلىش، غەربنىڭ توكى بىلەن شەرقنى تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان.
لېكىن مۇھىت قوغدىغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئېلېكتر ئېنىرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياجنى قامدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كۆمۈر ئىستېمالنىڭ ئارتىشىنى پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرغان.

د س ت نىڭ ئىككى كۈن ئاۋۋال ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونى خىتايدا ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان رايونلار قاتارىغا كىرگەن. لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى، توقسۇندىكى كۆيۈۋاتقان يەر ئاستى كۆمۈرلۈكنى ئۆچۈرۈشكە پۇل ئاجرىتىشتىكى مەقسەت مۇھىتنى قوغداپ، كۆمۈر زاپىسىنى ساقلاپ قېلىشكەن.

ئۇيغۇر رايونى 19.2 ترىلىئون توننا كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ خىتاي كۆمۈر زاپىسى ئەڭ مول رايون. ھازىر ئۈرۈمچىدە كۆيۈۋاتقان يەر ئاستى كۆمۈرلۈكنىڭ كۆلىمى 310 مىڭ كۋادراتمېتىرغا، توقسۇندىكى كۆمۈرلۈكنىڭ كۆلىمى 860 كۋادراتمېتىرغا يېتىپ بارغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ھەر يىلى ئۈرۈمچىدە 217 مىڭ توننا، توقسۇندا 450 مىڭ توننا كۆمۈر كۆيۈپ كېتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.