جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدا كۆمۈر گازىنى كەسىپلەشتۈرۈش بازىسى ئىش باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-11-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ. خىتايچە ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭغا ماس ھالدىكى كۆمۈر گازى زاپىسىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، پۈتۈن خىتايدىكى ئومۇمى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 26 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئەنە شۇ كۆمۈر گازى زاپىسىنىڭ غايەت زور بىر قىسمى ساقلىنىۋاتقان جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە خىتاي دائىرىلىرى كۆمۈر گازىنى كەسىپلەشتۈرۈش بازىسى قۇرۇشنى تاماملىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي ئۇچۇر تورى» نىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا مەزكۇر بازا نۆۋەتتە رەسمىي ئىش باشلاپ فۇكاڭ، كۇچا، باي، ئېۋىرغول قاتارلىق جايلاردا كۆمۈر گازى قېزىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن تولىمۇ كېرەكلىك بولغان بۇ خىل ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ غايەت زور مىقداردا قېزىلىشى ھەمدە پۈتۈنلەي ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىپ كېتىشىنى ئانالىزچىلار «مۇستەملىكە ھاكىمىيەتلەر ئىجرا قىلىدىغان بايلىق يۆتكەش ھەرىكىتى» دەپ قاراۋاتقانلىقى مەلۇم. چەتئەلدە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ خىل بايلىق قېزىش ھەمدە ئۇنى پۈتۈنلەي يۆتكەپ كېتىش يەرلىك خەلق ئۈچۈن ماھىيەتتە ھاكىمىيەتنى باي قىلىش، شۇنىڭدەك بايلىق قېزىلغان جاينىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت