كورلا ئاۋات يېزىسىدا بىرلا ئىمام «تەربىيە» دىن ئامان قالغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.12.28

يېقىندا بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ بايان قىلىشىچە، كورلانىڭ 10مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئاۋات يېزىسىدا پەقەت بىرلا ئىمام تۇتۇلۇشتىن ئامان قالغان.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋات يېزىسى باشئاۋات، لەڭگەر، ئىچئېرىق قاتارلىق 8 كەنتتىن ۋە 50 كە يېقىن مەھەللىدىن تەشكىللەنگەن. ئىلگىرى كورلادا ئاز دېگەندە ھەر بىر مەھەللىدە بىردىن مەسچىت بار بولۇپ، ئاۋات يېزىسىدا 50 دىن ئارتۇق دىنىي زات ۋەزىپە ئۆتەپ كەلگەن.

بۇ يىل كورلادا «يېپىق تەربىيىلەش» باشلانغاندىن كېيىن، ئىمام ئۆمەر مەمەتتىن باشقا ھەممىسى ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن ھەر خىل ئاتالمىش خاتالىقلىرى سەۋەبلىك تۇتۇپ كېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، تۇتۇلغانلاردىن ئاز دېگەندە 10 نەپىرى «5 تە ياخشى دىنىي زات»، 3 نەپىرى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسىدۇر.

مەزكۇر سېكرېتارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە «تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ سىرتىدا قالغان بىردىن-بىر ئىمام پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاھالىلەر يەنىلا بەزى ئۆلۈم-يېتىم ۋە توي تۆكۈن ئىشلىرىنى دىنىي زاتلارسىز ئېلىپ بېرىشقا بېرىشقا، بەزى مۇراسىملارنى ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپ ياكى ئۇيغۇنسىز ھالدا ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.