مىڭ جيەنجۇ خىتاي خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى تېررورلۇق ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بايقايدىغان يۇقىرى تېخنىكا قوللىنىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

«جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى» تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلغان بىر يىغىندا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بايقىيالايدىغان يۇقىرى تېخنىكىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مىڭ جيەنجۇ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى سۈرئىتى بىلەن توغرىلىق دەرىجىسىنى ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ جىددىي ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىش ۋە توغرىلىق دەرىجىسىنى بېكىتىش ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ سۆزىدە ساقچىلارنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرى ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە ئائىت ئۆرنەكلەر ئارقىلىق بىر ئۇچۇر ئامبىرى شەكىللەندۈرۈشىنى، ئۇنى بۇندىن كېيىنكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

ئۇ، يېقىندا ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغاندىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئىستىغبارات ساھەسىدىكى يېڭى تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ئىدى. يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك قامالنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان تۈرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

بۇ يىل ئاۋغۇستتا يەنە ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارالىق يەرمەنكە مەركىزىدە «4-نۆۋەتلىك خىتاي ياۋرو-ئاسىيا بىخەتەرلىك كۆرگەزمىسى» ئېچىغان. ئۇنىڭدا تۈرلۈك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر، بولۇپمۇ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىخەتەرلىك كامېرالىرى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ماشىنا ئادەملەر كۆرگەزمە قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى بۇ تۈردىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق قامال سىستېمىسىنى سىناق قىلىدىغان مەيدانغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت