ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇق» قا قارشى ۋەزىپە ئۆتىگەن خىتاي قوراللىق ساقچى خادىمى 19‏-قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە سايلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-11
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە خىزمەت كۆرسىتىپ، مۇكاپاتلانغان خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ بىر ئالاھىدە خادىمى خىتاي كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان.

لى يۈفېڭ ئەسلى خېيلوڭجاڭ ئۆلكىلىك قوراللىق ساقچى باش ئەترىتىنىڭ قارىغا ئېتىش بويىچە ئالاھىدە مەرگىنى بولۇپ، ئۇ 2015‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا 8 ئاي ۋەزىپە ئاتقۇرغان.

شۇ يىلى ئۇنىڭغا ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈرىشىدە كۆرسەتكەن ئالاھىدە تۆھپىسى» ئۈچۈن خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ «ساداقەتمەن قوغدىغۇچى» مۇكاپاتى بېرىلگەن. بىراق خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى زادى قانداق كونكرېت «تۆھپىلەر» نى قوشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2015‏-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

شۇ يىلى 9‏-ئايدا ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە سوغان كۆمۈر كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 100 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، لى يۈفېڭ شۇ يىلى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قوراللىق قارشىلىق ۋەقەلىرىنى باستۇرۇشقا قاتنىشىپ، يىراقتىن قارىغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ۋەقەلەرنى دىنىي «رادىكاللىق» ۋە خەلقئارا «تېررورلۇق» قا باغلاپ باستۇرۇپ كەلگەن.

خىتاي «قانۇن گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى يۈفېڭ بۇ يىل 9‏-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى 19‏-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان. خىتاي كومپارىيەسىنىڭ 19‏-قۇرۇلتىيى 18‏-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت