خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇق ۋەقەلىرى»گە قارشى ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسى قۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.12.30

28‏-دېكابىر خىتاينىڭ قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا تەپتىش ئەمەلدارلىرىدىن «تېررورلۇق» قا قارشى 30 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ چىققان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت‏، ئوبلاستلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان. ئۇلار ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا، غۇلجا قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق «نۇقتىلىق رايونلار»دا ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىكەن.

مەزكۇر قارار 29‏-دېكابىر يېڭى قوبۇل قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 2119 نەپەر تەپتىش ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 120 تەپتىش ئورگىنىدا بىرلا ۋاقىتتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان كۈنى ئېلان قىلىنغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2119 تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ 1180 نەپىرى خىتاي، 939 نەپىرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەردىن تەشكىل قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاراقاش ۋەقەسىنىڭ ئارقىدىنلا ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ خىتاينىڭ قانلىق توقۇنۇشلاردىن ھېچقانداق ساۋاق ئالمىغانلىقى ۋە باستۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دېدى.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامانلىق كۈچلىرىنى، تەپتىش ۋە باشقا قانۇن ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەسىلە ھەل قىلمىغان. ئۇ، بۇ تەدبىرلەر قارشىلىقنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.