خىتاي ئاساسلىقى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاخباراتچىلارنى يىغىپ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدۇرغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.05.21


ئۇيغۇر ئېلىدە غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ ئەركىن خەۋەر بېرىشى قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى ئاساسلىقى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاخباراتچىلارنى يىغىپ ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى زىيارەت قىلدۇرغان.

سىنگاپوردىن چىقىدىغان يېڭى بوغۇز گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سودا مۇھىتىنى بۇ دۆلەتلەرگە چۈشەندۈرۈش ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، قازاقىستان، مالايسىيا، ئافغانىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاخباراتچىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيو-تېلېۋىزىيە ھەسسىدارلىق شىركىتىدىن كەلگەن مۇھەممەد ئابدۇللا ئالداخىل ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلىرىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پەقەت ئوخشىمايدىغان بىر مەنزىرىنى كۆرگەنلىكى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «چىراي، تۇرمۇش ئادىتى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى كۆرۈپ ھەيرانۇ-ھەس قالدىم.»

قىرغىزىستاندىن كەلگەن دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتلاردىن ھەيران قالىغانلىقنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە بىر بەلگىلىمە چىقىرىپ «مۇھەممەد»، «مەدىنە» قاتارلىق مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى چەكلەپ خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خەۋەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ۋە باشقا باستۇرۇشلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. زىيارەت قىلغۇچى مۇخبىرلارمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان دىنىي چەكلىمىلەر ھەققىدە توختالمىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخباراتقا قارىتىلغان كونتروللۇقنى چىڭىتقاندىن باشقا، غەرب ئەللىرى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەركىن ئايلىنىپ خەۋەر بېرىشىنى قولايسىزلاشتۇرغان.

خىتاي ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى يازمىلىرى تۈپەيلى جازالىغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلار ھەققىدە لىللا گەپ قىلغان چەتئەل مۇخبىرلىرىنىمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلىپ كەلگەن.

2015-يىلى سېنتەبىردىكى «باي كۆمۈركان ھۇجۇمىنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دېيىشكە بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسىلا گۇيتېر خانىم شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ، شۇ يىلى دېكابىر خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.