ئۇيغۇر دوكتورانتى گېرمانىيەدە تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-11-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

گېرمانىيەدە دوكتورلۇق ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى گۈلمىرە سابىر گېرمانىيە كنۆل ئىنستىتۇتىنىڭ 2015-يىللىق Medac تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىنستىتۇت ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، Medac تەتقىقات مۇكاپاتى ياش تەتقىقاتچىلارغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە مۇكاپات بولۇپ، مۇكاپات گۈلمىرەنىڭ بىئو-مولىكولا خىمىيەسى كەسپىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتى ئۈچۈن بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گۈلمىرە سابىرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئىلىم-پەن» (Science) ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق نويابىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى تەبىئىي پەن ساھەسىدە برىتانىيەدە چىقىدىغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ بېرى ھېسابلىنىدىكەن.

ياش تەتقىقاتچى گۈلمىرە سابىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ كېيىن شاڭخەيدە بىر يىل گېرمان تىلى ئۆگەنگەن ۋە گېرمانىيەنىڭ يېنا (Jena) شەھىرىگە كېلىپ يېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىكروبىئولوگىيە كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان.

ماگىستىرلىقتىكى نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغاچقا ئۇ، يېنا شەھىرىدىكى ھانس كنۆل ئىنستىتۇتىغا (بۇ ئىنستىتۇت گېرمانىيەدىكى داڭلىق لايبنىز تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا قارايدۇ) بىئو-مولىكولا خىمىيەسى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان.

8-نويابىر گۈلمىرە سابىرنىڭ نەتىجىسى ھەققىدىكى خەۋەر فېيسبوكتا تارقالغاندىن كېيىن، ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار بەس-بەستە ئىنكاس يېزىپ، گۈلمىرە سابىرنى تەبرىكلىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت