تەيۋەن پرېزىدېنتى پانامانى زىيارەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.06.27


تەيۋەندىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى ئۆزىنىڭ تۇنجى چەتئەل سەپىرى سۈپىتىدە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتكە ئىگە پاناما دۆلىتىگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلىدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25 - ئىيۇن كۈنى پاناماغا يېتىپ كەلگەن پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن پاناما قانىلىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. سەي يىڭۋېن 26 - چىسلا قانالنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن سىرت يەنە پاناما رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىس ئۆتكۈزىدىكەن ۋە ئارقىدىن تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيىلىك ئالاقىسى بار يەنە بىر لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى پاراگۋاينى زىيارەت قىلىدىكەن.

سەي يىڭۋېن پاناماغا يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا پانامادىكى خىتاينىڭ سودا ئىش بېجىرىش ئورگىنى پانامادا تۇرۇشلۇق خىتاي مۇھاجىرلار جەمىيىتىنى ئىككى قېتم يىغىپ،بىر جۇڭگو سىياسىتى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بىر قىسىم تەيۋەنلىك مۇھاجىرلار سەي يىڭۋېننى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزگەن.

ئەمما، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن پاناما زىيارىتىنى باشلاش ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن كېيىن تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئارىسىدىكى ئالاقە ئورنىتىش مېخانىزىمى ئۆز ئىشىنى توختاتقانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ تەيۋەننىڭ تېخىچە،«بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى ئورتاق قىلغا سىياسىي ئاساسقا> بولغان ئۆز مەيدانىنى تېخى قارارلاشتۇرمىغانلىقى ۋە باشقىلارنى كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.